كانادا خەۋپسىزلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىشتىن بوشىتىلغان خىتاي ئىنژېنېرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن

«دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا خەۋپسىزلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (CSIS) كانادادىكى سەزگۈر ئورگانلاردىن بىرى بولغان مىكرو بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەن ۋە كېيىن ئىشتىن بوشىتىلغان چيۇ شياڭگۇ ۋە ئۇنىڭ ئېرى چېڭ كېدىڭ ھەققىدە نەچچە يۈز بەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال 2019-يىلى تەجرىبىخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە 2021-يىلى رەسمىي ھالدا ئىشتىن بوشىتىلغانىكەن.

28-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چيۇ شياڭگۇ خىتاينىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مەقسەتلىك ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئۇلارغا تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى ۋە مەلۇماتلارنى يەتكۈزگەن.

كانادا خەۋپسىزلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بايقىشىچە، چيۇ شياڭگۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خىتاي ئىختىساس ئىگىلىرىنى بايقاشنى مەقسەت قىلغان «مىڭ ئىختىساسلىقلار پروگراممىسى» غا ئىلتىماس سۇنۇپ، قوبۇل قىلىنغانىكەن.

تېخى يېقىندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى گوڭ چىڭگۇاڭ ئىسىملىك خىتاي ئىنژېنېرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى بايقاش، باللىستىك ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىز قوغلاش قاتارلىق ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا لايىھەلىرىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغانىدى. دائىرىلەر بۇ خىتاي ئىنژېنېرىنىڭمۇ 2014-2022-يىللىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ «ئىختىساسلىقلار پروگراممىسى» غا بىر قانچە قېتىم ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ۋە خىتايغا بىر قانچە قېتىم بارغانلىقىنى بايقىغان.