كانادانىڭ بۇ قېتىملىق سايلىمىدا خىتايغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسى مۇھىم رول ئوينايدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-08-18
Share

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كانادا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، بىر قانچە كانادا پۇقراسىغا زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش جىنايىتى ئارتىپ ئۇلارنى قولغا ئېلىشى، خۇاۋېي شىركىتى خوجايىنىنىڭ قىزى مېڭ ۋەنجونىڭ ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىشى قاتارلىق ئۆكتەم، زوراۋان قىلمىشلىرى كانادا خەلقى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانىدى.

«Vice ژۇرنىلى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاي سوتى كانادا پۇقراسى روبېرت شېللىنبېرگنى «200 گرام زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئوتۇل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىي ئۆچ ئېلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «شېللېنبېرگنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ رەت قىلىنىشىدىن بۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. بىر چەت ئەل ھۆكۈمىتى (خىتاي ھۆكۈمىتى) سىياسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن بىر كانادا پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولماقچى» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزىنى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترودۇ كانادا فېدراتسىيە سايلىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېيتقان. ئۇ يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

يۇقىرىقى خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سىياسىي پروگراممىسىدا خىتاينىڭ مۇستەبىت ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكى كۆپ تىلغا ئېلىنغان، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى كانادانىڭ مەنپەئەتى ۋە بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەھدىت سالدى. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ پۇقرالىرىمىزنى تۇتقۇن قىلدى، ئىقتىسادىمىزغا زەربە بەردى، كانادالىق خىتاي پۇقرالىرىغا ۋەھىمە سالدى».

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلام مەزگىلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پايدىلىنىدىغان بىر ۋاسىتە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە كانادانىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لېبراللار پارتىيەسىمۇ پۇقرالارنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە باشلىغان. تاشقىي سىياسەت گەرچە سايلىغۇچىلار ئەڭ ئاز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولسىمۇ، كانادا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىقتىساد ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى سىياسىتى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، كانادانىڭ 9-ئايدىكى سايلىمىدا پۇقرالارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولىدىكەن.

كانادانىڭ 2016-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە، 1 مىليون 800 مىڭ كانادا پۇقراسى ئۆزىنىڭ خىتاي نەسلىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق سايلامدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بولسۇن ياكى لېبراللار پارتىيەسى بولسۇن، ھەممىسى خىتاي بىلەن كەلگۈسىدە قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىكەن؛ كانادادىكى نەچچە مىليون خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق، كورۇنا ۋىرۇسى، ئىرقىي كەمسىتىش دېگەندەك سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت