كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى تەھدىتلىرىگە كەسكىن رەددىيە بەردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.08.25

يېقىندا كانادا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر مەلۇم بولغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «ئەگەر كانادا تەيۋەننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشسا، بىز مەجبۇرلاش ۋاستىسىنى ئىشقا سالىمىز» دېگەن.

كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادرىئان بلانچارد (Adrien Blanchard) بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پىلان بويىچە ئىشقا ئاشىدىغان زىيارىتىنى خىتاينىڭ ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ئىغۋاگەرلىككە باھانە قىلىشى زادىلا قاملاشمىغان بىر ئىش» دېگەن.

ئادرىئان بلانچارد بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى مۇستەقىل پائالىيەتلەر جۈملىسىگە مەنسۇپلىقىنى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ رېئاللىققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى شەرھىيلەپ ئۆتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەيۋە كۆرسىتىشى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم يېقىندا تەيۋەندە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدىمۇ بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما كېيىنچە بۇنىڭ پەقەت بىر قېتىملىق ھەيۋە كۆرسىتىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەنە شۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا، 25-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى قارمىقىدىكى سودا ۋە قورال-ياراق مۇلازىمىتى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مارشا بلەكبۇرن (Marsha Blackburn) خانىم ھەربىي ئايرۇپىلاندا تەيبېي شەھرىگە زىيارەتكە كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.