كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلانې جولى 4-ماي كۈنى كانادا پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكېل چوڭ ۋە ئۇنىڭ خوڭكوڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق خىتاي دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كانادانىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان مايكېل چوڭ 2021-يىلى كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارار لايىھەسىنى ماقۇللاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان سىياسىيونلارنىڭ بىرى بولغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مايكېل چوڭ شۇ سەۋەبلىك خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ سۇيىقەست قىلىش نىشانىغا ئايلانغان.
يېقىندا كانادانىڭ «يەرشارى پوچتىسى» گېزىتى كانادا ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مايكېل چوڭ ۋە ئۇنىڭ خوڭكوڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جازالاشنى پىلانلىغانلىقى، بۇنىڭغا خىتاينىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ۋەقە كانادادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. مايكېل چوڭ خىتاي دىپلوماتىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، باش مىنىستىر جاستىن ترۇدونىڭ بۇ ۋەقەدىن خېلى بۇرۇن خەۋىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇنىڭغا سەل قارىغانلىقىنى تەنقىد قىلغانىدى.
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىلانې جولى كانادا پارلامېتىنىڭ بىر كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، كانادا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سوڭ پېيۋۇنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا كانادانىڭ بۇ خىل ئارىلىشىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىلانې جولى: «بىز ھازىر ھەر خىل تاللاش يوللىرىنى ئويلىشىۋاتىمىز، بۇ دىپلوماتلارنى قوغلاپ چىقىرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.
مايكېل چوڭ پارلامېنتنىڭ مەزكۇر كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي دىپلوماتىنىڭ دەرھال قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ دۆلەتتە تۇرۇشىنى تەنقىد قىلغان.