كانادا ھۆكۈمىتى بىر نەپەر خىتاي دىپلوماتنى قوغلاپ چىقاردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.05.09

كانادا ھۆكۈمىتى 8-ماي كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتى جاۋ ۋېينى قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدە رەسمىي قارار ئالدى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانىيا جولى (Mélanie Joly) بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ «مەن ئېنىق قىلىپ شۇنى جاكارلايمەنكى، ھەرقانداق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا قول تىقىشىغا قىلچىمۇ يول قويالمايمىز. ئەگەر ئۇلار بۇنداق قىلالمىسا بىز ئۇلارنى كەلگەن جايىغا ماڭدۇرۇۋېتىمىز» دېگەن.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن جاۋ ۋېي ئىسىملىك بىر خىتاي خوڭكوڭدىكى خىتاي دائىرىلىرىگە «كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مايكىل چوڭ (Michael Chong) نىڭ خوڭكوڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى نازارەت قىلىش ھەمدە قورقىتىپ قويۇش» ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. كانادا ئىستىخبارات خادىملىرى بولسا بۇ ھەقتىكى بارلىق ماددىي ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مايكىل چوڭ كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەققىدىكى ئاۋاز بېرىشتە بۇنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا تەھدىت سالغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئاشكارا بولغاندىن كېيىن جاۋ ۋېينى كانادا ھۆكۈمىتى «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇنى بەش كۈن ئىچىدە خىتايغا قايتىشقا بۇيرۇغان.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي دەرھال بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە بۇنى «پۈتۈنلەي تۆھمەت» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 9-ماي كۈنى كانادانىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىدا ئىشلەۋاتقان كانادا دىپلوماتلىرىدىن جېننىفېر لالوندې (Jennifer Lynn Lalonde)  نى «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ جاكارلىغان.  CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو (Justin Trudeau) «بىز بېيجىڭنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.