كانادا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنى ئوڭشاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان

يېقىندىن بۇيان كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرىنى ئوڭشاش، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.

«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى»نىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى (Melanie Joly) خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان سوغۇق مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، يەنى «خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش» ئۈچۈن، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد موررىسون (David Morrison) نى خىتايغا ئەۋەتىدىكەن.

يېقىندىن بۇيان بېيجىڭ بىلەن ئوتتاۋا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەر جەھەتتىن جىددىيلەشكەن ئىدى. بولۇپمۇ 2018-يىلى كانادا ساقچىلىرىنىڭ ۋانكوۋېر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا «خۇاۋېي» نىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋنى قولغا ئېلىشى؛ خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىككى نەپەر كانادالىقنى «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىشى نەتىجىسىدە كانادا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ 2019-ۋە 2021-يىللىرىدىكى كانادا سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى دەتالاشلار، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى كانادا ھۆكۈمىتى كانادادا تۇرۇشلۇق بىر نەپەر خىتاي دىپلوماتىنى «خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تەنقىد بىلەن تونۇلغان بىر نەپەر كانادا پارلامېنت ئەزاسىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنى كانادادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كانادا تەرەپ يەنە خىتاينىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى تۇنجۇقتۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشلىرىنى مەلۇم شەكىللەردە تەنقىد قىلغان ئىدى.

مەزكۇر خەۋەردە ئىككى تەرەپنىڭ سودا ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، ھەم كانادا ھەم خىتاي ئۈچۈن بېسىمىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنمۇ خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن.