كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر خىتاي پۇقراسى 13-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىق جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 58 ياشلىق كانادا تەۋەلىكىدىكى بۇ كىشى، يەنە بىر خىتاي پۇقراسى بىلەن بىرلىشىپ، تېسلانىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى خېرىدار قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاگېنتلىرىغا ساتماقچى بولغاندا قولغا ئېلىنغان ئىكەن. كلائۇس فلۇگبېئىل ئىسىملىك كانادا تەۋەلىكىدىكى بۇ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە گېرمانىيە تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ شاۋ يىلوڭ ئىسىملىك خىتاي تەۋەلىكىدىكى شېرىكى تېخىچە قېچىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكانىڭ ياردەمچى ئەدلىيە مىنىستىرى مەتيۋ ئولسېن «فلۇگبېئىل جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئەمدى دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنسىزلىق قىلمىشىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كلائۇس فلۇگبېئىل ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەپتىش ئەمەلدارى برېئون پىس، «بۈگۈنكى جىنايەت ئىقرارى تەپتىش ئورگانىمىزنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلىغان كىشىلەرنى قانچىلىك تېز قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىپ، بىزنىڭ ئىقتىساد ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، فلۇگبېئىل بىلەن شاۋ يىلوڭ «ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى» دىن ئوغرىلىغان سودا مەخپىيەتلىكىگە تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان ئىكەن. ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرى بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسى شىركەتنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما تاراتقۇلار ئۇنىڭ تېسلا شىركىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككىيلەن سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان كانادادىكى توكلۇق باتارېيە كارخانىسىنى 2019-يىلى تېسلا شىركىتى سېتىۋالغان ئىكەن.