ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان بولۇپ، كانادادىكى «زارا» شىركىتىنىڭمۇ شۇ قاتاردا ئىكەنلىكى يېقىندا ئاشكارا بولغان.
«كانادا ئاخباراتى» گېزىتىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادادىكى شىركەتلەرنىڭ ئەخلاقىي دەرىجىسىنى باھالاشتىكى باشلامچى شىركەت بولغان «CORE» گۇرۇھى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بۇ مەسىلىلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «زارا» شىركىتىنى مال بىلەن تەمىنلەشتىكى ئۈچ شىركەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىلىرى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق بولۇپ چىققان. مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇھى ئالدىنقى يىلىمۇ دۇنياۋى ماركىلاردىن بولغان «نايكى» (Nike)، «رالف لاۋرېن» (Ralph Lauren)، «خۇگو بوس» (Hugo Boss) ۋە «ۋالمارت» (Walmart) قاتارلىقلارنىڭ كانادا شۆبىلىرىنى دەل مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىگەنىدى. بۇ يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «زارا» نىڭ كانادا شۆبىسى بۇنى ئىنكار قىلغان ھەمدە «شىركىتىمىز ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئادريان زېنز قاتارلىق بىر قاتار مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن، دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.