كانادا پارلامېنتى «ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى قارار لايىھەسى» نى 1-فېۋرال رەسمىي ئاۋازغا قويىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.09

كانادا پارلامېنتى 1-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىقىپ مۇقىمسىز دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خەۋپ-خەتەر ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كاناداغا قوبۇل قىلىش قارار لايىھەسىنى ئاۋاز قويۇشنى رەسمىي پارلامېنتنىڭ كۈتەرتىپىگە كىرگۈزگەن. ھازىرغا قەدەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئ‍الغان پارلامېنتتىكى 5 پارتىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن M-62 ناملىق بۇ قارار لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى پەرەز قىلىنماقتا. 5 يىلدىن بېرى مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلگەن بۇ قارار لايىھەسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قارار لايىھەسى ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئ‍ەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى.

كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم قارار لايىھەسىنىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، قارار لايىھەسىگە ھۆكۈمەت كابىنېتى ئەزالىرىنىڭمۇ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. قارار لايىھەسىدە، كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە پۇقرالىق ئىدارىسىنىڭ مۇساپىرلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىن جىددىي پايدىلىنىپ، قوغداشقا موھتاج بولغان 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى تېزلىتىش، 2024-يىلدىن باشلاپ كەلگۈسى 2 يىل ئىچىدە كاناداغا كۆچۈرۈپ كېلىش تەلەپ قىلىنغان.

لېكىن مۇتەخەسسىسلەر، قارار لايىھەسى ماقۇللىنىپ، ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىشقا باشلىغان تەقدىردىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا كېتىدىغان پۇلنى ھەل قىلىشى، بىخەتەرلىك ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشى، بارماق ئىزى ئېلىش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن قانداق ئېلىپ چىقىش قاتارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئېيتىشىچە، قارار لايىھەسى 1-فېۋرال كۈنى رەسمىي ماقۇللانسا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش 2024-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ باشلىنىپ، «10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا كېلىشى رېئاللىققا ئايلىنىدىكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.