كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئو خىتاينىڭ 27-مارت ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارى بىلەن كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكىل چوڭغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. كانادادىكى «دۆلەتلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترۇدېئو 27-مارت تۋېتتىردا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ ئېمبارگوسىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن.
ئۇ خىتاينىڭ ئېمبارگوسى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەپ، «بىز خەلقئارا شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق قوغدايمىز» دېگەن. كانادا پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنت تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مايكېل چوڭ كانادا پارلامېنتىنىڭ بۇ يىل 22-فېۋرال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان سىياسىيون.
كانادا ئاخبارات شىركىتىCBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايكېل چوڭ27-مارت تۋېتتىرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قويغان جازاسىنى «بىر شەرەپ بەلگىسى سۈپىتىدە تاقاپ يۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بىز دېموكراتىك دۆلەتلەردە قانۇن بىلەن ئەركىن ياشايدىغانلار ئاۋازسىزلار ئۈچۈن سۆزلىشىمىز كېرەك. ئەگەر خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن بولسا، مەن بۇنى شەرەپ بەلگىسى سۈپىتىدە تاقاپ يۈرىمەن» دېگەن.