ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئاشكارا بولۇشى بىلەن بۇ خىل «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئاساسلىق بازار بولۇۋاتقان غەرب دۇنياسىدا بۇ ماللارنى چەكلەش ھەرىكىتى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو 30-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قارارىنى ئىككىلەنمەستىن داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادانىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بولغان «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە كانادا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان لۆڭگە، يوتقان كىرلىكلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىكەن. باش مىنىستىر جاستىن ترۇدو مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ «بىز ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. شۇنىڭدەك مۇشۇ ئارقىلىق كانادا شىركەتلىرىنىڭ مەنبەسى گۇمانلىق بولغان تەمىنات زەنجىرلىرىگە چېتىلىپ قالماسلىقىنى، بۇ شىركەتلەرنىڭمۇ ئۆزىنى ئايىشىنى ئىستىمەكتىمىز» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلىنىڭ بېشىدا كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلماسلىق، كانادا شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلماسلىق، شۇنىڭدەك كانادا تاشقى سودا ئىمپورتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاساس قىلغان تەمىنات زەنجىرىگە شېرىك بولۇپ قېلىشىغا يول قويماسلىق دېگەندەك بىر قاتار قارارلارنى ئالغان ئىكەن. كانادادىكى يەنە بىر قىسىم سىياسىىيونلار بولسا «كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان بارلىق پاختا ۋە پەمىدۇر (شوخلا) مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.
«مىكروسوفت خەۋەرلىرى» نىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جاستىن ترۇدو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش شىتابىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇزۇن سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭدا ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئېغىرلىقىدىن بەكلا تەشۋىشلەنمەكتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تېزدىن جاۋاب بېرىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما باش مىنىستىر جاستىن ترۇدونىڭ سۆزلىرى تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا برازىلىيەنىڭ رئودى-ژانېيرو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى لى ياڭ تىۋېتتېردا ئۇچۇر يوللاپ ; «يىگىت! نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قىلغان-ئەتكەنلىرىڭ پەقەت خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ھەمدە كانادانى ئامېرىكانىڭ غالچىسىغا ئايلاندۇرۇش بولدى» دەپ، ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغان. خەلقئارادىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بولسا بۇنى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى كالۋالارچە مەغلۇبىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىنىشى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.