كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيىدا «خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن

«يەر شارى پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا مۇزېيى پەيشەنبە كۈنى تور ئارقىلىق «خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدىكەن.

كانادا باش مىنىستېرى جاستىن ترودو ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكىلەر گەرچە خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاشنى خالىمايۋاتقان بولسىمۇ، كانادادىكى ئاممىۋى ئورگانلار ۋە شىركەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان.

كانادا تاج شىركىتى كانادانىڭ ۋىنىپېگ شەھىرىگە جايلاشقان كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيىدا پەيشەنبە كۈنى (22-ئاپرېل) ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر مەيدان كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيەتلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزمۇ قاتنىشىدىكەن.

ئادرىيان زېنىز پەيشەنبە كۈنىدىكى بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىشتە ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېي بۇ يەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنى تەربىيەلەيدۇ، يەنى كېلىپ بۇ مۇزېيدا ئۆتمۈشتىكى قەبىھ جىنايەتلەرگە دائىر كۆپلىگەن مەلۇماتلار بار».

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تاج شىركىتى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتە كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ئارىلىق ساقلىغان ۋە ئۇلارنىڭ رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاشنى ئاۋازغا قويغاندا ترودو باشلىق 30 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋاز كېچىش بېلىتى تاشلىغان.