كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان
2024.06.24
كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېنېفېر مېي (Jennifer May)، 19-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا ئاشكارىلىشىچە، جېنېفېر مېي سۆھبەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆججەتلەشكەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جېنېفېر مېي خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بېرى، بولۇپمۇ كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە غەرب دۆلىتى پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشقا يول قويۇلغان تۇنجى غەرب باش ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ.
كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 23-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «باش ئەلچى مېينىڭ شىنجاڭ زىيارىتى كانادانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ زىيارەت كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى شىنجاڭ رەھبەرلىرىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش پۇرسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا» ئىكەن.
جېنېفېر مېينىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللىغان ياكى «شىنجاڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇسۇلمان ئەللىرى، تۈركىي دۆلەتلەر ياكى 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ دىپلوماتلىرىغا نىسبەتەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جېنېفېر مېي زىيارەتتە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «باش ئەلچى مېي، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىر، جۈملىدىن ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشەنچلىك دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»
باياناتتا يەنە جېنېفېر مېينىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. باياناتتا كۆرسىتىشىچە، باش ئەلچى مېي يەنە «مۇستەقىل ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى بارلىق رايونلاردا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش» نى قايتا تەكىتلىگەن. كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مېي بۇ ئەندىشىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› غەرب توقۇپ چىقارغان يالغانچىلىقتۇر» دەپ ئىنكار قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا يۈزتۇرانە ئېيتقان.