كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قارشى تەدبىر كۆرۈشكە چاقىرىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن «زامانىۋى قۇللۇق ئەمگىكى» نى بەرپا قىلىشى يېقىندىن بۇيان كۈچلۈك تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. شۇ قاتاردا كانادا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ مەسىلىنى جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىشقا ئۆتتى. كانادادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي گېزىتلەردىن بولغان «مەكلىن» گېزىتىدە 27-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان ماقالىدا مۇشۇ ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم تەمىنات زەنجىرى كانادا بازىرىنى ئىزچىل تەمىنلەپ كېلىۋاتقان مەنبەلەردىن بىرى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىسپاتلار مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. كانادا پارلامېنتىغا قاراشلىق ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مەككاي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز بىر قەبىھلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ بۇنىڭغا كۆز يۇمىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالساق بولمايدۇ» دېگەن.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان مەككاي كانادا پارلامېنتىنى «زامانىۋى قۇللۇقنى چەكلەش قانۇنى» نى ماقۇللاشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدە سىستېمىلىق بەلگىلىمىلەر بار ئىكەن. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىككى مىليارد دوللارلىق «ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش مەھسۇلاتلىرى» سودىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قايسى دەرىجىدە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىشقا دەۋەت قىلىنماقتىكەن. چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلارغا لازىملىق پاختىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپلىگەن گۇمانلىق نۇقتىلار بار ئىكەن.