كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستىيا فرېلاند 27‏-ئۆكتەبىر خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك باستۇرۇش، جازالاش ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، دىنىي ئەركىنلىككە قارىتىلغان يۇقىرىقى قىلمىشلارنى ۋە ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنىي چەتكە قېقىشنى قاتتىق تەنقىدلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كرىستىيا فرېلاند مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەر قايسى دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەر داۋاملىق باستۇرۇلۇش، جازالىنىش ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا. بۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى خرىستىئانلارغا، جۈملىدىن مىسىردىكى كوپتىك خرىستىئانلىرىغا، پاكىستاندىكى خرىستىئانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك ھۇجۇملارنى، يەمەن ۋە ئىراندىكى باھايىلارنى كەمسىتىش ۋە جازالاشنى، خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارغا قارىتا باستۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلىشى، ئىراقتىكى يەزىدىلەر، بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ھەم دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمانلار گۇرۇھلارنىڭ قورقۇنچلۇق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانپەرۋەرلەر ۋە دەھرىيلەرنى جازالاش، يەرشارى بويىچە يەھۇدىيلىققا قارشى تۇرۇش كۈچەيدى».

كرىستىيا فرېلاند ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئالدىدا كانادا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر گۇۋاھلىق بېرىپ، كانادا پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

يىغىنىدا بەزى مۇتەخەسسىسلەر كانادانىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىغا قاتناشماسلىق، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق قارارنى ئېلىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كرىستىيا فرېلاند يەنە كانادانىڭ خەلقئارا شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە خەلقئارا مېخانىزملاردىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.