كانادادىكى «خامىلتون تاماشىبىنلىرى» گېزىتى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، كانادا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ توغرا قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كانادانىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «خامىلتون تاماشىبىنلىرى» نىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە كانادا خىتاي ئەمەلدارلارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقنى ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن.
«خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار كانادانىڭ ياردىمىگە ئېھتىياج» ماۋزۇلۇق تەھرىرات ماقالىسىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللىتىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. كانادا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىپ، پۈتۈنلەي توغرا قىلدى،» دېيىلگەن. ماقالىدە تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەبىرىنىڭ ئاز دېگەندە بىر ماددىسىغا چۈشۈدىكەن.
ماقالىدە بېيجىڭنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن خەلق سۈپىتىدە يوقىتىشقا، ئاز دېگەندە بىر قىسمىنى بولسىمۇ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ: «كانادا ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ رېئال مەسىلە ئۇنىڭ قانداق قىلىشىدۇر.» دېيىلگەن. «خامىلتون تاماشىبىنلىرى» نىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا بۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئەمەلدالرىرىغا ۋىزا ۋە مالىيە ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشى، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشى، كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتى 2022-يىللىق بېجىڭ قىسلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقنى ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك ئىكەن.