خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقى ھاۋانى بۇلغايدۇ، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۈستى ئوچۇق كاۋاپداندا كاۋاپ پىشۇرۇپ سېتىشنى چەكلىگەن.
مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر قارارى غۇلغۇلا قوزغىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر كاۋاپچىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر قارار ئۇيغۇر كاۋاپچىلارنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىپ چىقىرىلغانلىقىدىن گۇمان قىلغان.
خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا «ھاۋادىكى چاڭ توزان ۋە بۇسلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت» ناملىق ھۆججەت ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەردىن ئۈستى ئوچۇق كاۋاپداندا كاۋاپ پىشۇرۇشنى دەرھال مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر قارارنى جۇڭگو يولغا قويغان تۇنجى ئىلمىي، سىستېمىلىق ۋە نوپۇزلۇق تەدبىر، دەپ كۆرسەتكەن. بىراق مەزكۇر تەدبىرنى تەنقىد قىلغۇچى بەزى شەخس ۋە گۇرۇھلار خىتايدا ھاۋانى بۇلغاۋاتقان ئاساسلىق نەرسە، سانائەت قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك گاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«خۇەيخې قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى» ناملىق ئاممىۋى مۇھىت قوغداش گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى خو دەيشەن رادىئومىزغا پىكىر بىلدۈرۈپ، كاۋاپ ھاۋانى بۇلغاۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس. كاۋاپ بۇرۇنمۇ بولغان. بىراق ھاۋادا بۇنچىلىك چاڭ توزان يوقىدى. نېمىشقا ھازىر چاڭ توزان كۆپىيىپ كېتىدۇ، دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي مەزكۇر قارارنى رەسمىي ئىجرا قىلسا، بۇنىڭ ئىچكىرىدىكى كاۋاپچىلىق بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
