خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلات دۇنيانى خىتاينىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلىشىغا يول قويماسلىققا چاقىردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 14-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا، ئۇنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق قىلمىشىنى ئاقلىشىغا يول قويماسلىققا چاقىرغان. باياناتتا، 4-فېۋرال باشلىنىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ بۇ دۆلەتتە سانسىزلىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان بىر ئەھۋالدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، دۇنيانىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ئولىمپىك بەزى غەرب پارلامېنتلىرى، ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار قىشلىق ئولىمپىكنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ياكى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، بەزى ھۆكۈمەتلەر دىپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلغانىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىنىمۇ قوغدىشى كېرەك ئىكەن.

باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد: «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز تەنھەرىكەت ئويۇنى بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىلدى. ئەمما كۆزىتىۋاتقان دۇنيا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى قەستەن نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ. ئادۋوكاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ تىنچ ھەرىكىتى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلاندى. جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغانلار سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى. ھەر يىلى مىڭلىغان كىشىگە ئ‍ۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھېسابلانماقتا. مۇسۇلمان مىللەتلەر سىستېمىلىق كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇنغا، قىيىن-قىستاق ۋە جازالاشقا ئۇچرىماقتا» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك دىققەتنى خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىن باشقا ياققا بۇراشقا ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك ئىكەن.