خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 29-مارت كۈنى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ بېكىتىلگەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېتنىك مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا بۆلگۈنچىلىك، رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل سىستېمىلىق باستۇرۇشى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا» ئىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەھۋالى» ناملىق تۆت يۈز نەچچە بەتلىك بۇ دوكلاتتا، دۇنيادىكى 100 ئارتۇق دۆلەتنىڭ 2022 ۋە 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ھەتتا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇقتىكى قوش ئۆلچەمدىن پايدىلىنىپ، ب د ت ئومۇمىي يىغىنى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تەنقىدلىنىشتىن ساقلىنىپ كەلمەكتە» ئىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «(خىتاي) ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ كەلدى. بۇ ئۇلارغا دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش تەھدىتى ئېلىپ كەلمەكتە».
دوكلاتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقىلارنىڭ بايقىغىنىدەك خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتۇپ تۇرۇشىنى خەلقئارالىق جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ بېكىتكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا يەنە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىماي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئاۋاز بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلغانلىقى تەنقىدلەنگەن.