2021-يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان زۇليار ياسىن ئەسلىدە خىتايدىكى فۇجيەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. زۇليارنىڭ «جىنايەتلىرى» ھەققىدىكى سوت 28-ئىيۇن كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن زۇليار ياسىن 2014-يىلى تۈركىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل ئوقۇغانىكەن. نۆۋەتتە بۇ ئۇنىڭ «ۋەتەننى پارچىلاش» جىنايىتىنىڭ ئىسپاتىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ھاممىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «زۇليارنىڭ ‹جىنايىتى› ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر مۇشۇنداق يالغان ‹جىنايەت›لەرنى ياساپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا» دېگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى گۋېن لى (Gwen Lee) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، زۇليارنىڭ قىسمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي مىساللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «زۇليار ياسىن خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇربانلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە ياكى لاگېرغا قامىلىشى، قىيناققا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بىردەك قانۇنسىزدۇر» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ سابىق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى 2016-يىلى ئىيۇندا «ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوڭايلا دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ تېررورلۇققا ئارىلىشىپ قالىدۇ. ئۇلارنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك» دەپ يوليورۇق بەرگەنىكەن.