خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 20-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ھەرىكەتسىزلىكىگە خاتىمە بېرىپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك» دېگەن.
بۇ ئىنكاسنامىدە كۆرسىتىلىشچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2020-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 2021-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە ئىسپات توپلىغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد (Agnes Callamard) نىڭ قارىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆتكەن 5 يىلدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇچراپ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇملارنى توسۇپ قالالمىغان. بۇ كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەرمۇ مىشېل باچېلېتنىڭ يىللارچە سۈكۈتتە تۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئاقلىغان. ئاگنېس كاللامارد مۇنداق دېگەن: «ھالبۇكى، مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنىكەن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىگە بىر نەرسە دېيىشى كېرەك».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ باياننامىسىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا بىر قارار ماقۇللاپ، خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگىنى تەسىس قىلىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىىايەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، جاۋابكار شەخس ۋە جىنايەتچىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك».