قۇرۇلغۇسى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان، دېموكراتىك پارتىيەدىن كېلىپ چىققان كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىس كۇنس 20-نويابىر رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەسىلىسىدە بېيجىڭنى «مەغلۇپ قىلىدىغان» ئورتاق سىياسەتنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئامېرىكا خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ، «بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئامېرىكا دۇنياغا ئەرز-شىكايەت بىلەن يۈزلەنمەسلىكى، بەلكى باشقىلارنى جەلپ قىلىدىغان بىر يول كۆرسىتىشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ، شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش «زاۋالىققا يۈز تۇتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ زاۋالىققا يۈز تۇتمىغانلىقى، «ئۇنىڭ ھاياتى كۈچكە تولغان، كۈچلۈك ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىزگە باغلىق» دېگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، نەگە بارىدىغانلىقى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يۇمشاق ياكى قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن دۆلەت مەجلىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىشىنى كۈتىدىكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ رەقىب ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھالقىلىق ساھەلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن.