جون كېررى بېيجىڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، 14 - ئاپرىل كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ كەلدى.
ياپونىيە كېررىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى. ئۇ توكيودا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋاشىنگتون - توكيو ھەمكارلىقلىرى، كورىيە مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېررى ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئۆز ئىتتىپاقچىلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كېررى بىلەن كىشىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە تەۋە ئاراللاردا داۋاملىق ئەسكەر تۇرغۇزۇشى مەسىلىسىنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان.
ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يەنە سېنكاكو ئاراللىرى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆز بولغان. كېررى ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پەقەت بىر تەرەپتە تۇرمايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كېررىنىڭ ياپونىيە سەپىرىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى يەنىلا شىمالىي كورىيە كىرىزىسىغا قارىتىلغان. چۈنكى ياپونىيە 6 تەرەپ سۆھىبىتىگە قاتناشقان مەملىكەتتۇر.