خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتى» ناملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر-بازارلاردا 356 مىڭ 200 كىشىنىڭ يېڭى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان ۋە ۋەزىپىنىڭ 77 پىرسەنتىنىڭ ئورۇندىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ھەر قېتىمدا 693 مىڭ 600 ئادەم قېتىم كەسپىي ماھارەت مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم يىللىق نىشاننىڭ % 63. 05 نى تاماملاپ ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى ئورۇنداپ بولدى».
خىتاي دائىرىلىرى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا بۇ كىشىلەرنىڭ «نامراتلارنى يۆلەش پىلانى»، «كېڭەيتىشنى يولغا قويۇش پىلانى» ۋە «ئالتە مۇقىملىق» ۋەزىپىسىگە ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 356 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى بويىچە قۇل ئەمگىكىگە سېلىنغانلار بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېر تۈزۈمىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلغان بىر ۋاقىتتا لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۆتكەپ ئىشقا سېلىشنى كۈچەيتكەنىدى.