ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە ئاز كەم 5 مىليون 950 مىڭ ئادەم «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» گە قاتناشقان. بۇ مەزگىل ئىچىدە يەنە 2 مىليون 340 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم شەھەرلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن ۋە قانۇنغا قىسمەن خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرگە «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» بېرىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەر بولۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بۇ ئورۇنلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «جازا لاگېرلىرى» دەپ قارالغانىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلى ئىچىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەر خىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى»، «ھەر خىل ئىشقا ئورۇنلىشىش تەربىيەلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
بىراق خىتاينىڭ 13 بەش يىللىق پىلانى مەزگىلى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق دەۋر بولۇپ، ئاز دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەنىدى. بۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى»، دەپ ئەيىبلەنگەن.
بۇ مەزگل ئىچىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە نوپۇسى چەكلىنىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرى پارچىلانغان. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ۋە كارخانىچىلىرىنىڭ مال-مۈلكى تارتىۋېلىنىپ، خىتاينىڭ سودا تور بېكەتلىرىدە «كىم ئاشىدۇ» قىلىپ سېتىلغانىدى. بۇ، خەلقئارادا بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ مەزگىل ئىچىدە رايوندىكى ئاتالمىش ئىشسىزلىق نىسبىتىنى 4 پىرسەنتتىن تۆۋەن سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.