خىتاي ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئىككى مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم «كەسپى ماھارەت تەربىيەسى» ئېلىپ بارغان

خەلقئارادا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىغا خاتىمە بېرىش چۇقانلىرى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 2023-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئاز كەم ئىككى مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم «كەسپى ماھارەت تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-يانۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2023-يىلى ئاز كەم ئىككى مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا سالماقنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاتالمىش «يېزا ئەمگەك كۈچلىرى» گە، ئىشسىزلار ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولغان «نۇقتىلىق ئاممىۋى توپلار» غا قارىتا نىشانلىق تەربىيە ئېلىپ بارغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ‍ئۆتكەن بىر يىلدا ئىككى مىليون 499 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپى ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىپ، يىللىق پىلاننىڭ 166.6 پىرسەنت ئاشۇرۇپ ئورۇندالغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بۇ خىل مۈجمەل سانلىق مەلۇماتنىڭ كونكرېت قانچە ‍ئادەمگە توغرا كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى قايسى مىللەتلەرنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 2-3 يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن 2021-يىلى 12-ئايدىن بېرى، رايوندا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكىگەندىن سىرت، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ «يۆتكەپ ‍ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ دوكلاتلاردا، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى رايوندا مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تەقىبلەش سىستېمىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسىگە ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2023-يىلى ئارقا-ئارقىدىن «يېڭىچە شاگىرت تەربىيەلەش»، كەسپى ماھارەت مەكتەپلىرىنىڭ «باھالاش ۋە باشقۇرۇش» نىزاملىرىنى ماقۇللاپ، «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» نى قانۇنلاشتۇرغانىدى.