خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنى چەكلەش توغرىسىدىكى چۇقانلار ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدا 200 مىڭ كىشىگە «كەسپىي بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماھارىتى تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە رايوننىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرگەن». ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر 2019-يىلى «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» دىكى كۇرسانتلارنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەتكە چىققانلىقى» نى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە كىشىلەرگە داۋاملىق ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 31-مارت تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ ئۆزىدىنلا 200 مىڭ كەسپىي بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىشچىسى «تەربىيەلىنىپ چىققان.»
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31-مارت بەرگەن بىر خەۋىرىدە، ئۈچ يىل داۋاملاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى 200 مىڭ كىشىگە ئۈچ يىللىق كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تولۇق نەتىجىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چەت ئەل تەتقىقان ئورۇنلىرى ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ رايوندىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەلىرىگىمۇ زور تۈركۈمدە ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت ئىشچىلىرى» نىڭ يېتىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىشىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، رايوندىكى قۇرۇلۇش شىركەتلىرى 22-مارت كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان «پايزىۋات كەسپىي ماھارەت مەكتىپى» نىڭ 10 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش سىناق بازىسى ۋە بۇ ئورۇننىڭ 10 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى سىناق مەركىزىدە ئەمگەك كۈچى يەرمەنكىسى ئاچقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى خوڭبىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ 3 يىل جەريانىدا «بىر تۈركۈم يۇقىرى ماھارەتلىك ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنى يېتىشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە دەسلەپكى قەدەمدە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرگەنلىكى» نى ئېيتقان.