خىتاي دائىرىلىرى بىكارچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن «كەڭ كۆلەملىك كەسپىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.04.19

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 19-ئاپرېل كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە، بىرىنچى پەسىلدە ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 120 مىڭدىن ئېشىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 25. 73 پىرسەنت كۆپەيگەنلىكى تەشۋىق قىلنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «ئىشسىزلارغا ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش، كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بار ئائىلە ئەزالىرىنى تىزىملاپ ئۇلارنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى باشقۇرۇش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان؛ «ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك كەسپىي تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ»، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

بۇ خەۋەردە تەشۋىق قىلىنغان «كەڭ كۆلەملىك كەسپىي تەربىيەلەش» ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىل 8-ئايدا ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ھېلىھەم ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. گەرچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر 2019-يىل بۇ مەركەزلەردىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «كۇرسىنى تاماملاپ جەمئىيەتكە چىققانلىقى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ يالغانلىقى، لاگېرغا سولانغانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئېچىلغان يىغىنىدا ب د ت مۇتەخەسىسى رودىرىك ھېنبېل خىتاي ۋەكىللىرىدىن «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئەۋەتىلگەنلەرگە ئائىت سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، خىتاي ۋەكىللىرى كونا گېپىنى تەكرارلاپ، ئېنىق جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.