ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى كىلىمات يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پارىژغا كېلىشكە باشلىدى


11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە مۇخبىرلار 30 - نويابىر كۈنى فرانسىيە پايتەختى پارىژدا باشلىنىدىغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پارىژغا كېلىشكە باشلىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13 - نويابىر كۈنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن فرانسىيە دائىرىلىرى يىغىن بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك ئامانلىق تەدبىرلىرى ئالغان.

بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا كىلىمات يىغىنىغا ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 كە يېقىن دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى قاتنىشىدىغانلىقى ۋە بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۇزارا ئايرىم ئۇچرىشىشلار بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى ۋەقەسىدىن كېيىن جىددىيلەشكەن رۇسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن پارىژدا ئۇچرىشىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب كەلمىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كىلىمات يىغىنى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

بۇ، ب د ت غا ئەزا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك تۇنجى قېتىم مەخسۇس كىلىمات مەسىلىسى بويىچە ئېچىلغان چوڭ يىغىنغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ھازىرغىچە دۇنيادىكى 183 دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىش پىلانلىرىنى تۈزۈپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ، بۇ نۆۋەت پارىژغا چوڭ يىغىپ ئېچىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالغان.