ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋىدېئودا سۆزلىتىشى قورقۇتۇشقا ياتىدىغان ۋە ئائىلە ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ قىلمىشتۇر»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 1-فېۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ غايىپ ئۇيغۇرلارنى ۋىدېئودا سۆزلىتىپ ئۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشىنى ئانالىز قىلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ھەركىتى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ۋە ئائىلە ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپلىق قىلمىشى ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھوكۇمىتى 1-فېۋرال بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چەت ئەلدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» غا ھۇجۇم قىلغان. بەزى غايىپ ئۇيغۇرلارنى ۋىدېئودا سوزلىتىپ، ئۇلارغا ئوزلىرىنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدۇرغان، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» نىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ ۋىدېئونىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى تېخىمۇ ئازابلايدىغانلىقى، ۋىدېئودىكى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ۋەھشى جازا تەھدىتى ئاستىدا سۆزلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى، چەت ئەلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىردانلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋىدېئو خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەركىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە بۇ ۋىدېئودا ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان مەجبۇرى ئەمگەك، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، دىنىي باستۇرۇشقا ئوخشاش كونكىرېت جىنايەتلەرنىڭمۇ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋىدېئو چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا خاتا ئۇچۇر بېرىش، قورقۇتۇش ۋە قورقۇنچ سېلىش قورالى بولۇپ، ئۇلارغا قەدىردان كىشىلىرىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك كونترول نىشانى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش، ئۇلارغا ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىمەسلىك توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.