خىتايدىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋاڭ يۈ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق «خەلقارا جەسۇر ئاياللار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 4-مارت ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كۆرسىلىتىشىچە، ۋاڭ يۈ 2011-يىلدىن بېرى خىتايدا «نۇرغۇن نازۇك سىياسى دېلولارنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتچىلەر، زىيالىلار، فالۇگۇڭچىلار، دېھقانلار ۋە ئاياللار-بالىلار ھوقۇقى، دىنىي ھوقۇق، ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئەرز-شىكايەت دېلولىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان» ئىكەن.
ۋاڭ يۈ ئىلگىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توخىتىنى ئاقلاشقىمۇ قاتناشقان. ئىلھام توختى 2014-يىلى ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. ۋاڭ يۈ ئىشلەيدىغان بېيجىڭدىكى «فېڭرۈي قانۇن مۇلازىمەت ئورنى» ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 8-مارت تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. خىتايدىن باشقا بېلۇرۇسىيە، بېرما، كامېرون، كولۇمبىيە، كونگو، گۇۋاتېمالا، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 10 نەچچە ئايالمۇ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن. بۇ مۇكاپات ئۆتكەن يىلى قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۇل ساۋۇتبايغا بېرىلگەن. ئۇ چەت ئەلگە قېچىپ چىقىپ خىتاي لاگېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى باتۇرلۇق بىلەن پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.