گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئانگىلا مېركېلنى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.04.24

گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مىللەتلەر تەشكىلاتى» گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دېلىۇس سۆزىدە «نۆۋەتتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىدە قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي چېگراسى ئىچىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشى قاتارلىقلار گېرمانىيەنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.