ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇلار باياناتىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىنىگە 12 يىل تولغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا 5 يىل بولغان مۇشۇ مەزگىللەردە خەلقئارانىڭ ھېچ بولمىغاندا بۇ زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋە پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات مۇنداق دېگەن: «دۇنيا جامائىتى ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇشى كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تېزدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنىنى ماقۇللىشى كېرەك ۋە ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتىدا يەنە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان-سەرگەردان بولۇشىغا يول ئاچقانلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىنى چەتئەللەرگىمۇ ئۇزىتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىپ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇم بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2014-يىلدىن باشلاپ 20 دۆلەتتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن1327 كىشىنى ئارخىپلاشتۇرغان.