كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنچىلىكىگە سوئال قويدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تورىدا 9-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رېچاردسون قەلەمگە ئالغان بۇ ماقالىدا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا ئەستايىدىل كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇقىغا سوئال قويغان.

سوفىيە رېچاردسون ۋولكىسۋاگېننىڭ «خەلقئارالىق ئ‍ۆلچەمگە ئاساسەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى قانداق يېڭىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەنلىكى»، مەۋجۇت ۋەزىيەتتە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ زاۋۇتنى ئالدىن خەۋەر بەرمەي تەكشۈرۈشى، ئىشچىلار بىلەن بەخىرامان سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى ياكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتىنى تولۇق باھالاپ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ۋولكىسۋاگېن ئۈرۈمچىدە زاۋۇت ئاچقان بىردىن بىر چەتئەل ئاپتوموبىل شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش ھەققىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن. ۋولكىسۋاگېننىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئولىۋېر بلۇم يېقىندا ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. سوفىيە رېچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئەمگەك ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان تەقدىردىمۇ، شىنجاڭ دائىرىلىرى تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن ئەندىشىلەرگە جاۋاب بېرىشكە قىزىقمايدىكەن.

ئۇ، ئەگەر ۋولكىسۋاگېن شىنجاڭ دائىرىلىرىنى چەكلىمىسىز بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا قايىل قىلسا، مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئ‍ىشخانىسى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشىگىمۇ ئ‍وخشاش يول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.