ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى دىققەت قوزغىدى

18-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 30-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە باشلاندى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى باياناتچىسى جىن پساكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ بەرگەن باياناتىدا يەنە 2009-يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بارغانچە جىددىيلىشىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنلىكىنى، تىبەتتە بولسا 120 گە يېقىن تىبەتلىكنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مەسئۇلى سوپىيا رىچاردسون بۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلى ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئۆز خەلقى بىلەن ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر بۇ مەسىلىدە (خىتاي) ھۆكۈمىتى ئۆز سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىمىدى،» دېگەن.