خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى يېزىشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى

چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى بىر قىسىم ئەرزدار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى يېزىشقا قاتنىشىنى تەلەپ قىلغان.

BBC دا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۆۋەت نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر خىتاينىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىن ھۆكۈمەتنىڭلا مەنپەئەت ئالىدىغانلىقىنى، ئەرزدارلارغا ئوخشاش خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سادالىرىغا ئورۇن بېرىلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا يىللىق دوكلات يازغاندا ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدىن توپلانغان ماتېرىياللارنىڭ يىللىق دوكلاتنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ لار يەنە، يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى يېزىشقا قاتناشقان ھۆكۈمەتكە ئورگانلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئىسمىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر نامايىش كۈنمىڭدا 18- نۆۋەتلىك ئامېرىكا- خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى باشلانغان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.

ھازىرچە نامايىشنىڭ قانداق نەتىجىلەنگەنلىكى ۋە نامايىشچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى نامەلۇم.