بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە چاقىرىلغان 30-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
خەلقئارا تىبەت پوچتىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى جىن مارك خوسشىت ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە شەك كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدىكى ليۇ شاۋبو، ئىلھام توختى، گاۋ يۈ ۋە پۇ جىچياڭ قاتارلىقلارنى دەرھال ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى سۆزى ئاخىرىدا، خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى مىللىي مەسىلىنى ئەسلى يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ ھەل قىلىشنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى دائىملىق ۋەكىلى كېيىس خارپېر ئەپەندىمۇ باياناتىدا، خىتايدىن ئىلھام توختى ۋە ليۇ شاۋبولارنى قويۇۋېتىشنى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى دىنىي چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە يىغىندا يەنە، گېرمانىيە، ئىرېلاندىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، شۋېتىسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دولقۇن ئەيسا يىغىنغا قاتناشقان.