ئۆركەش، ۋاڭ دەن قاتارلىقلار ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.10.27

1989-يىلدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت، ۋاڭ دەن ۋە «تەيۋەن تىبەت فوندى» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 27-ئۆكتەبىر ئەنگلىيەنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق «ئەنگلىيە سودا مەدەنىيەت ئىشخانىسى» غا نارازىلىق باياناتى تاپشۇرۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى مەزگىلىدە «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرى ۋە تىبەت ئاكتىپلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۆركەش ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ شى جىڭپىڭغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن 4-ئىيۇن ھەرىكىتى قاتناشچىسى شاۋ جياڭ قاتارلىقلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، «تەيۋەن پۇقرالار تەشكىلاتى ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيدۇ» ناملىق باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. ۋاڭ دەن ئەنگلىيە دائىرىلىرىنى ھۆكۈمەت نامىدىن 4 -ئىيۇن ھەرىكىتى قاتناشچىسى شاۋ جياڭ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆركەش دۆلەت، ۋاڭ دەن قاتارلىقلار نارازىلىق باياناتىنى ئەنگلىيەنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى خوكقا تاپشۇرغان. خوك نارازىلىق باياناتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، شى جىڭپىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالى، نۆۋەتتە ئەنگلىيە قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، «ئەنگلىيە سودا مەدەنىيەت ئىشخانىسى»نىڭ قانۇن ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق ئىلتىماسىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.