كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىينىڭ مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 3 كۈن ئاۋۋال جون كەرىينىڭ ۋىيېننا 29-ئۆكتەبىر باشلىنىدىغان سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىننىڭ تۈگىتىپ،3-نويابىرغا قەدەر قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 5 مەركىزى ئاسىيا دۆلىتىگە زىيارەتكە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ باياناتىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى روبېرت ھېرمان جون كەرىينىڭ «مەركىزى ئاسىيا زىيارىتى ئۇنىڭ بۇ ئەللەردىكى خەلققە سىياسىي كۆپ قۇتۇپلۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت» دېگەن.
ئەركىنلىك سارىيى باياناتىدا يەنە، «ئۇ ئۆز ئارا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاسىيا خەلقىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى، ئۆز رەھبەرلىرىنى ئەركىن ھەم ئادىل سايلام ئارقىلىق سايلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ جون كەرىينىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشىدۇر.