بۇ يىل 9-، 10-ئاۋغۇست كۈنلىرى تۇرپاندا «غايىب بولغان» خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى جاۋخەيتۇڭ ۋە ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئۈرۈمچى ليۇداۋان قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، دائىرىلەر بۇ يىل 12-سېنتەبىر كۈنى جاۋ خەيتۇڭنى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ رەسمىي قولغا ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە جاۋ خەيتۇڭنىڭ نوپۇسى ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇپ، ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئاممىنى تەشكىللەپ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.
جاۋ خەيتۇڭنىڭ دوستلىرىدىن چېڭ چيۇ تەخەللۇسلۇق بىرىنىڭ تۋىتېر تورىدا بىلدۈرۈشىچە، جاۋ خەيتۇڭ ۋە ئۇنىڭ دوستى بۇ قېتىم تۇرپاندا تۇيۇقسىز غايىب بولۇشتىن ئىلگىرى، بۇ ئىككىيلەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان مەلۇم كىشىلىك ئاكتىپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۇرپانغا بارغان ئىكەن.