ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق ئەزالىرى ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاي، رۇسىيە، كۇبا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.
جەنۋەنى بازا قىلغان ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خەتكە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېدۋارد مىكمىلان-سكوت، ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېلمار بروك، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك ۋە لىبېرال ياۋروپا گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى، سابىق بېلگىيە باش مىنىستىرى گاي ۋېرخافستات قاتارلىق 40 قا يېقىن شەخس ئىمزا قويغان.
ئىمزالىق خەتتە، ياۋروپا ئەللىرىنى تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۆزگەرمەس يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىققا چاقىرغان.
بۇ دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئوبرازىغا كۆلەڭگە چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سايلىمى 12-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلامدا ئاسىيادىن 3 دۆلەتنى ئەزالىققا سايلايدۇ.
خىتاي ئاسىيادىن ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن 4 دۆلەتنىڭ بىرى.
ئامېرىكىنى بازا قىلغان جۇڭگو گراژدانلار كۈچى، ناملىق تەشكىلات بىر نەچچە ئاي ئاۋۋال خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەزالىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان.
بىراق، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاسىيادىن ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىيوردانىيە نامزاتلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋىيېتنام ۋە خىتايدىن ئىبارەت 3 دۆلەت قالغان.