كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: «ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشقا بولمايدۇ»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 29 دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا يازغان مەكتۇپى 3‏-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىندى. مەكتۇپتا، بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ قايتۇرۇلسا قانداق خورلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىرمۇ-بىر، ئەتراپلىق، ئادىل كۆزدىن كەچۈرمەي تۇرۇپ ئۇلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى خىتايدىن كەلگەن تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېزلىتىشى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارنى ھەيۋە قىلىشىنى تەكشۈرۈشى ۋە بۇنىڭغا چارە قىلىشى كېرەك».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا ئېغىر تەن جازاسىغا ۋە خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

مەكتۇپتا، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى دىرېكتورى لوتې لېيچ، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «بىراق بۇ، خىتاي شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى توختاتقىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەيدانىغا ئايلىنىشى كېرەك» دېگەن.

مەزكۇر مەكتۇپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى 3‏-دېكابىر ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان كۈنى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى پېتىر ئېرۋىڭ سۆز قىلىپ، مەزكۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىدىغانلىقى، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يىغىندا يەنە دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيەنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشىنى، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. يېقىندا گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.