ئامېرىكا 52 كىشىگە «ماگنېتسكي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» بويىچە جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى

بۈگۈن، يەنى 21 دېكابىر كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خەلقئارادا 52 كىشىگە خەلقئارا «ماگنېتسكي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» بويىچە جازا تەدبىرى قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللېرسوننىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە چىرىكلىك بىلەن شۇغۇللانغان 52 كىشىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ 52 كىشى بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان بېرما گېنېرالى ماڭماڭ سو، جەنۇبىي سۇدان پرېزىدېنتىغا مەسلىھەتچىلىك قىلغان بېنجامىن بولمېل ۋە سابىق گامبىيە رەھبىرى ياھيا جاممە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللېرسون باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «مىنىستىرلىقىمىز دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈچلەندۈرۈش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بىزنىڭ بۈگۈنكى قارارىمىز ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ۋە چىرىكلىك قىلغانلارغا قارىتا بەلگىلىك ئۇسۇل ۋە كۈچلۈك ئاقىۋەتلەر ئارقىلىق جازالاندۇرۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادە قىلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا ماگنېتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن تۇنجى قېتىم يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«ماگنېتسكي قانۇنى» ئەسلىدە 2012‏-يىلى رۇسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرگېي ماگنېتسكينىڭ نامىدا رۇسىيەگە قارىتا چىقىرىلغان. ئەمما 2016‏-يىلى بۇ قانۇننىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، «خەلقئارا ماگنېتسكي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. قانۇنغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە خىزمەت ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىگە، تەن جازاسىغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، ئەگەر ئامېرىكىغا كەلگەن تەقدىردە قانۇنىي جازاغا تارتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.