21-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىر نەپەر خىتاي ئەمەلدارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 52 كىشىگە خەلقئارا «ماگنېتسكي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» بويىچە جازا تەدبىرى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مەزكۇر خەۋەردىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» ۋە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بۇ قارارنى قارشى ئېلىپ ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار بايانلىرىدا ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى داۋام قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ تىزىملىككە قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغان 52 كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىرى بېيجىڭ چاۋياڭ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ ياڭ بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى 3-ئايدا تۈرمىدە ئۆلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ شۈنلىنىڭ ئۆلۈمىدە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تىزىملىككە ئېلىنغان ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۇنجى قەدىمىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ، جۈملىدىن ھازىرقىقى خىتاي سېكرىتار چېن چۈەنگو ۋە سابىق سېكرىتار ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلارنىڭ مەزكۇر تىزىملىككە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
2009-يىلى ئىسپانىيە دۆلەتلىك ئالىي سوتىمۇ تاپشۇرۇۋالغان ئەرزگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى لى دېجۇ قاتارلىق 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى سوتقا چاقىرتقان ئىدى.