خوڭكوڭدىكى كىتاب يەرمەنكىسىدە بېيجىڭنى تەنقىد قىلىدىغان كىتابلار يەنە ئورۇن ئالغان

خوڭكوڭدىكى نەشرىياتچىلار چارشەنبە كۈنى باشلانغان كىتاب يەرمەنكىسىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە سوئال قويىدىغان كىتابلارنى سېتىش ئارقىلىق خىتاينى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر كىتاب يەرمەنكىسى، خوڭكوڭ توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ 5 نەپەر خادىمى خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى پاش بولغاندىن كېيىنكى غۇلغۇلا تېخى بېسىقمىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم كىتابخانىلار خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدىغان كىتابلارنى سېلىشىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە كۆپلىگەن مۇستەقىل كىتابپۇرۇشلار خىتاي سىياسىتى تەنقىدلىگەن كىتابلارنى كۆپلەپ سالغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى كىتاب سودىگىرى جىممي پەڭ: «بىر نەشر قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شەخسەن قورقۇش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن. قورقۇشقا باشلىسىڭىزلا ئۇتتۇرىسىز» دېگەن.
ئۇ يەنە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە تەنقىدىي باھا بېرىدىغان كىتابلارنى نەشر قىلىشىنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بىر سودىگەر لەم خۇڭچىڭمۇ يۇقىرىدىكى قاراشلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىر بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر كىتابنى بازارغا سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرگە قارىغاندا بۇ يىل بېسىم ئېغىر بولسىمۇ، خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ھەققىدىكى ۋە خىتايدا سىياسىي ھوقۇقنى تەرغىب قىلىدىغان كىتابلارنى سالغان يايمىلار يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك كىتاب يەرمەنكىسى 20-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدۇ.

ئۆتكەن يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەخسىي ھاياتى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلىپ داڭ چىقارغان خوڭكوڭدىكى توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ 5 خادىمى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتايدا تېلېۋىزورغا چىقىرىلىپ توۋا قىلدۇرۇلغان ئىدى. خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگىرى لىن رۇڭجىن شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ، ئۆتكەن ئاي قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان.

ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئاخباراتقا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ خىتايغا كىرگەندە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۆز خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ساقچى دائىرىسىگە تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى 1997-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.