ياپونىيىنىڭ «كۆك تاشلىق كىتابى» ئارال ئىختىلاپىنى يەنە كۈچەيتتى

ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ 2013‏-يىللىق «تاشقى ئىشلار كۆك تاشلىق كىتابى» نى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە داۋاملىق ئۈسۈپ كىرىشىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«كۆك تاشلىق كىتاب» تا، ياپونىيىنىڭ خىتاي بىلەن ھەل قىلىدىغان ھېچقانداق زېمىن ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەسلىكى كۆرسىتىلىپ، خىتاينىڭ سېنكاكۇ ياكى دياۋيۈ ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىزچىل ياپونىيە زېمىن، دېڭىز تەۋەلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئۇنىڭدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى سەپ كۈچىگە تايىنىپ، ئامېرىكا-ياپونىيە ئورتاق بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ تەھدىت سېلىش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل، ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ياپونىيە «تاشقى ئىشلار كۆك تاشلىق كىتابى» شۇ كۈنى دەرھال خىتاينىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

«خەلق» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنىڭ «جۇڭگو تەھدىت نەزەرىيىسى» نى كەڭ بازارغا سېلىشىدا يامان غەرەز بارلىقى، ئۇنىڭ غەرىزى «جۇڭگونى قورشاش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىزچىل خىتاي بىلەن ھېچقانداق مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.