مايك گالىگېر: كوممۇنىزم بارلىق دىنلارنى يوقىتىشىنى قوغلىشىدۇ
2024.02.02
2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەتىگەنلىك زىياپىتىگە قاتنىشىپ سۆز قىلغان، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئېتىقادچى خەلقنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، «خۇداغا ئىشەنگۈچىلەر بەلكىم كوممۇنىستلارنىڭ دۈشمىنى» دېگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «كوممۇنىست خىتاي ھېچنېمىگە قارىماي دىنلارنى باستۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىنساننىڭ كىشىلىك غۇرۇرى ۋە ئىنسانىي قىممىتىنى يوق قىلىشقا ئاران تۇرىدۇ، دىنلار دەل ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە غۇرۇرىنى قوغدايدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستلىرى كىشىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىشقا كۈچەپ كەلدى، كۆپ ساندىكى ئېتىقادچىلارنى تۈرمىگە قاماپ قىينىدى. ئۇلار يەنە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار، فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە باشقا ئېتىقادچى ئاممىنى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا سولىدى. ئۇلار يەنە شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مىللىتى ۋە دىنى ئايرىم بولغان كىشىلەرنى بۇنداق زور كۆلەمدە قاماش يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ جىنايەتتۇر».
مايك گالىگېر سۆزىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ھىيلىگەرلىك بىلەن دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ماھىيەتتە بۇنىڭ ئوخشاشلا دىنلارنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، بىر ياقتىن مەسچىتلەرنى ۋە چېركاۋلارنى چېقىپ تۈزلەۋاتقانلىقىنى، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى خىتاي كوممۇنىست ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ غايىسى بىلەن ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان؛ ئاندىن كوممۇنىزمنىڭ ئەسلىدىنلا ئىنسانىيەتكە دۈشمەن، شەيتانىي ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مەن ئويلايمەنكى، كوممۇنىزم__ دىننىڭ دۈشمىنىدۇر؛ كوممۇنىستلار ھەممىگە ھۆكۈمران بولۇشنى، كوللېكتىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق شەخسىي ئەركىنلىكنى، خۇدانىڭ بەندىسى بولغان ھەر كىمنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىشنى قوغلىشىدۇ» دېگەن.
مايك گالىگېرنىڭ سۆزلىرى بۇ يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەتىگەنلىك زىياپىتى 1953-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان چوڭ كۆلەملىك سۆھبەت يىغىلىشى بولۇپ، ھەر يىل 2-ئاينىڭ تۇنجى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۇنىڭغا 3500 دىن كۆپ مېھمان قاتنىشىدىكەن. 100 نەچچە دۆلەتتىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن بۇ مېھمانلار دىن،سىياسەت، سودا ۋە باشقا ساھەدىكى ئەربابلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرى، دىنىي ئېتىقادنىڭ سىياسەتتىكى رولى، ئادالەت بىلەن ھەقىقەت مەسىلىلىرى ھەققىدە كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلىشىدىكەن ۋە بىرلىكتە دۇئا قىلىدىكەن.