«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ يىللىق يىغىنى ئۇيغۇرلار تېمىسىدا باشلاندى

باش ئىشتابى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ 2023-يىللىق «خىتاي مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى 17-ئۆكتەبىر كۈنى باشلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىقى توققۇزىنچى نۆۋەتلىك يىغىن بولۇپ، بۇنىڭدا ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر، سىياسىي ئەربابلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاينىڭ بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان تەبىئىتى ھەمدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەڭ-كۇشادە مۇزاكىرىدە قىلىدىكەن.

يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پائالىيىتى مەزكۇر فوند جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئاندرېۋ برېمبېرگ (Andrew Bremberg) نىڭ ئېچىلىش نۇتۇقى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن «خىتاي: ئۇيغۇر پاجىئەسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. فىلىمدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاخىرقى ھېسابتا يوق قىلىۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي ماتېرىياللار ئاساسىدا بايان قىلىپ بېرىلگەن ئىدى.

فىلىمدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا ئادريان زېنز، روشەن ئابباس، ئەلفىدار ئىلتەبىر، رومائىن فرانكىلىن (Romain Franklin) ، ئاناستاسىيا لىن (Anastasia Lin) قاتارلىق ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ ساھەدىكى بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. مەزكۇر يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى بىر كۈنلۈك مۇھاكىمىدە بولسا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەربابلار ۋە ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر پىكىر بايان قىلىدىكەن.