ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆمۈر بايلىقى زور كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشكە باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 1-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆمۈر يۆتكەش كۆلەم ۋە سۈرئەت جەھەتتە نەچچە ھەسسە ئاشقان. جۈملىدىن 2022-يىلى سېنتەبىر ئېيىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتايغا توشۇلغان كۆمۈر 55 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆمۈر قېزىش مىقدارى 35 پىرسەنت ئاشقان ھەمدە خىتاي بويىچە 2-ئورۇنغا چىققان.

خەۋەردە بۇ ھال ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەرەققىيات» سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان دۇنياۋى ئېنېرگىيە كەمچىللىكى مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى چارىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىمۇ يەر ئالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۆلەمدە زاپاس كۆمۈر تەييارلاش، شۇ ئارقىلىق «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىي ۋەزىيىتى» گە كېپىللىك قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپىلەردىن قىلىپ بېكىتكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بولسا نۆۋەتتە خىتاينىڭ كۆمۈر ئىمپورت قىلىشى تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن زور تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۆلكىلەرنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنىڭ قىيىنغا چۈشۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنداقلا ھازىر قۇمۇل رايونىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتايغا كۆمۈر يۆتكەشتىكى «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» بولۇپ قالغانلىقى، ئۆتكەن ئۈچ پەسىلدە ئۇيغۇر دىيارىدا قېزىلغان كۆمۈرنىڭ يېرىمى ئىچكىرىگە توشۇلۇپ بۇنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىدىن 133 پىرسەنت ئاشقانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ئۇيغۇر دىيارى ئىزچىل خىتاينىڭ «ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن قېزىلىۋاتقان نېفىت، كۆمۈر، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلارنىڭ خىتايدىكى نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنى بېقىپ كېلىۋاتقانلىقى «بېركېلىي ئىقتىساد ئانالىزى» ژۇرنىلىنىڭ 2019-يىلىدىكى دوكلاتىدا «شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى خىتايدىكى سانائەت سىستېمىسىنىڭ كاپالىتى. ئەمما بۇ جايدىن قېزىلغان بايلىقلار ئاساسىي جەھەتتىن رايونغا قالدۇرۇلماستىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.