بۇ يىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆمۈر ئېنېرگىيە يوللىشى شىددەتلىك ئارتقان

بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 2-3 ئېيىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ‍ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن كۆمۈر ئېنېرگىيەسى مىقدارى شىددەتلىك ئارتقان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنى يۆتكەشتىكى بۇ ئارتىش، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» لىنىيەسى ئارقىلىق يۆتكىگەن ئېلېكتىر توكىنىڭ مىقدارىدا كۆرۈلۈپلا قالماي، تۆمۈريول ‍ئارقىلىق يۆتكىگەن خام كۆمۈر مىقدارىدىمۇ كۆرۈلگەن. «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ 4-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان ئومۇمى ئېلېكتىر توكىنىڭ 18 مىليارد 249 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەنلىكى، بۇ مەزگىل ئىچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 304 مىليون كىلوۋات توك يوللانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان ئومۇمى توك مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 4 دىن بىر قىسمىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، بىر مىليون 520 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈرنىڭ ئاز كۆيدۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بىراق ئانالىزچىلار، شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا بۇنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئايدا 4 يېرىم مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر كۆيدۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنىڭ تەدرىجىي توختىغانلىقى، كاربون گازى قويۇپ بېرىشنى 2030-يىلىدىن باشلاپ پەسەيتىدىغانلىقى ۋە 2060-يىلى نۆلگە چۈشۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بىراق مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار خىتاينىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىدىن ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىشماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە خام كۆمۈر يۆتكىشىمۇ شىددەتلىك ئارتقان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 5-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى «شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ خىتاي ‍ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن خام كۆمۈر مىقدارىنىڭ 70 پىرسەنتكە يېقىن ئارتقانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ ئۈچ ئاي ئىچىدە بەش مىليون 32 مىڭ توننا كۆمۈر يۆتكىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.